بىكەت قۇرغۇچى: مەمەت ئېزىز نۆرمەت

1985- يىلى خوتەن شەھەر گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسى دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ 2001-يىلى 9-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 2004-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ 2005 –يىلى 7- ئايغىچە ئۆز ناھىيىسىدىكى پىشنا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان شۇ يىلى 9- ئايدىن باشلاپ2008-يىلى 8-ئايغىچە گۇما ناھىيە دېھقانچىلىق مەيدان 1- باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان .2008-يىلىدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە ئۆرۈمچىدە قوش تىل كەسىپىدە بىلىم ئاشۇرغان.ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چىغىدىلا تونۇلۇشقا باشلىغان،دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ كىتاب تەرجىمە قىلىش ۋە تورخانىدا تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىشتىن سىرت كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەپ،كومپيۇتېر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ ھازىر ئۆز بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى ۋە كومپيۇتېر تور تىلى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشقا سېلىپ پەخرىم تورىنى (www.pahrim.com ) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىققان.2010-يېلى 5-ئايىنىڭ 20-كۈنى ئۆز شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەت نامىنى پەخرىم خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى دەپ ئەنگە ئالدۇرغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ شىنلىيدا خەلقئارا ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك تېخنىكا يېتەكچى،شىنجاڭ قابىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، شىنجاڭ ئىدراك ئېلېكترون تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تېخنىك ياردەمچىسى ،باشقۇرغۇچىسى،شىنجاڭ يىراق شەرق تىل- تەتقىقات ئوقۇتۇش مەركىزىنىڭ كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ۋە شۇ مەركەز تورى قاتارلىقلارنىڭ ئىجادچىسى، قۇرغۇچىسى ھەم تېخنىك يېتەكچىسى بولۇپ كەلمەكتە.

 

بىكەت قۇرغۇچى: نۇرمۇھەممەتجان  ئابدۇللا

1983- يىلى 6 -ئايدا خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسى خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 2006-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئىشچى تېخنىكوم مەكتىپىدە ئىشلەپ كەلمەكتە . ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چىغىدىلا كومپيۇتېر فىراپىسۈر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا ياردەملەشكەن. ئالىي مەكتەپ فىراپىسۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلىك كومپيۇتېر تەتقىقاتتىكى بىر نەچچە تۇرنى بىرلىكتە ئىشلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمدە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ بىر قانچە شىركەتلەرنىڭ تېخنىك يېتەكچىسى بولغان.
ئۇ ھازىر پەخرىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ، پەخرىم خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋە پەخرىم يۇمشاق دېتال تۈزۈش گۈرۈپىسنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتىن سىرت خىزمەتتىكى بۇ ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت ، كارخانا ، شەخسى ئورۇنلارغا ھەر تۈرلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزەپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باج-باشقۇرۇش سىستېمىسى ، كارخانا ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى ، دوختۇرخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى، ماي قاچىلاش پونكىتى ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى ،دورا باشقۇرۇش سىستېمىسى، شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى ھەمدە نۇرغۇن قوللىنىشچان دېتاللارنى تۈزەپ چىقىپ ئۇيغۇر تور سەھنىسىدىكى مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن ئۈن-تىنسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ . سىزگە كېرەكلىك بولغان دېتاللارنى سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز ۋە پىلانىڭىز بويىچە سىزگە سۈپەتلىك تۈزەپ بېرەلەيدۇ . ئۇ سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ پەخرىمىز.

 

بىكەت قۇرغۇچى: ئوسمانجان توخسۇن ئىرلان

1989- يىلى 12- ئاينىڭ 21– كۈنى پوسكام ناھىيىنىڭ توغىچى يېزا باش ئاچما كەنتىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2004- يىلى قاغىلىق ناھىسيىدە ئۆز ئالدىغا تەجەللى يۇقىرى يىڭى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنى قۇرغان . 2005- يىلى شىركەتنىڭ نامىنى ئىدراك ئېلېكترون تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۆزگەرتكەن.
ئۇ ھازىر پەخرىم خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىك يېتەكچىسى ۋە پەخرىم تور بېكەت تۈزۈش گۈرۈپىسنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشىدىن سىرت خەلقئارا Apple شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىناپ تەكشۈرۈش خادىمى ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئېلىمى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، شىنجاڭ ئىدراك ئېلېكترون تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تېخنىك يېتەكچىسى ، باشقۇرغۇچىسى ، ئىدراك تورى ( http://www.idrak.biz ) ، دىل سۆز تورى (http://www.dilsoz.cn)، پەخرىم تورى ،ئارسلان تورى،ئىرلان تورى، يىراق شەرق تىل- تەتقىقات ئوقۇتۇش مەركىزى تورى قاتارلىقلارنىڭ ئىجادچىسى، قۇرغۇچىسى ھەم تېخنىك يېتەكچىسى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ قىسقىقىنە نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق ۋە مەزگىلىك ئۈنۈم بېرەلمىگىنىدەك ، ياشلىقنى بىلىم ئېلىش، خىرىس بىلەن تولغان جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن ئىلىشنى كۆڭلىگە پۈتكەن بىزنىڭ ياش، تالانتلىق ئىرلاندىن بىرى بولغان ئوسمانجان ئەپەندى ئۆز بىلىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتتىدا كومپيۇتېر تېلى كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ.